قۇرئان كەرىم

قۇرئان كەرىم



無料

4.2for iPhone, iPod touch
9.1
40 Ratings
Abdullah karakas
Developer
126.7MB
Size
2020年08月24日
Update Date
Books
Category
4+
Age Rating
Age Rating
4+
Apps in this category do not contain restricted content.
9+
Apps in this category may contain mild or occasional cartoon, fantasy or real-life violence, as well as occasional or mild adult, sexually suggestive or horrifying content and may not be suitable for children under 9 years of age.
12+
Apps in this category may contain occasional mild indecent language, frequent or intense cartoon or real-life violence, minor or occasional adult or sexually suggestive material, and simulated gambling, and may be for children under 12 years of age.
17+
You must be at least 17 years old to access this App.
Apps in this category may contain frequent and intense offensive language; Frequent and intense cartoon, fantasy or realistic violence: frequent and intense adult, scary and sexually suggestive subjects: as well as sexual content, nudity, tobacco, alcohol and drugs, may not be suitable for children under 17 years of age.
قۇرئان كەرىم スクリーンショット
قۇرئان كەرىم ポスターقۇرئان كەرىم ポスターقۇرئان كەرىم ポスターقۇرئان كەرىم ポスターقۇرئان كەرىم ポスター

About قۇرئان كەرىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟
- بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى.
- يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھىلەندى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭلار ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ قوشۇلدى. (كېلەر قېتىمقى نەشرىدە قوشۇلىدۇ)
- ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە تىل قوشۇلدى.
- تەپسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، كېلەر قېتىمقى نەشرىدە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز.
- ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى (داۋاملىق يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ ئىنشا ئاللاھ).
- قىسقىچە بۇ دېتال لايىھىسى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان. بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە.
جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.
Show More

最新バージョン 4.2 の更新情報

Last updated on 2020年08月24日
旧バージョン
بەزى يانفۇنلاردا قارا ئىكران چىقىۋىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى
دۇئا ھەمبەھىرلەشتە كۆرۈلگەن مەسىلە تۈزىتىلدى
Show More
Version History
4.2
2020年08月24日
بەزى يانفۇنلاردا قارا ئىكران چىقىۋىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى
دۇئا ھەمبەھىرلەشتە كۆرۈلگەن مەسىلە تۈزىتىلدى
4.1
2020年08月09日
بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى
4.0
2020年07月29日
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشرى پۈتۈنلەي يېڭىدىن يىزىپ چىقىلغان بولۇپ، قوللىنىشچانلىقى ئاشۇرۇلۇپ نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر قوشۇلدى:
-قۇرئان كەرىم 3 خىل نۇسقىسى قوشۇلدى (مەدىنە، پاكىستان، تۈركىيە)، ئوقۇش جەريانىدا خالىغاننى تاللاپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.
-كېچە ۋە كۈندۈز ئوقۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
-بەتنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى خالىغان تىلدا تاللاپ ئوقۇش قوشۇلدى.
-ئايەت ئايەت ئاڭلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
-يېڭى تەرجىمە ۋە تەپسىرلەر قوشۇلدى.
-ئايەتنى 9 خىل ئۇسلۇبتا رەسىملىك ھەمبەھىرلەش قوشۇلدى.
-بەتنى يوتكەپ ئوقۇش ۋە خالىغان بەتكە تېز بېرىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
-ئايەتلەرگە خاتىرە قالدۇرۇش قوشۇلغان بولۇپ، كېيىن خالىغان ۋاقىتتا كۆرەلەيسىز.
-ئىزدەش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى؛ خالىغان تىلنى تاللاپ ئىزدەشكە بولىدۇ.
تىلاۋەت بولۇمى تۈرلەرگە ئايرىلدى.
-تىلاۋەت ئاڭلاش سەھىپىسى ئىلغارلاشتۇرۇلدى.
-دۇئالار بۆلۈمىگە ئالدى كەينىگە سۈرۈش ئارقىلىق يوتكەپ ئوقۇش، رەسىملىك ھەمبەھىرلەش قوشۇلدى.
-رەسىملىك ئاتكىرىتكا (ئۇچۇر) يوللاش قوشۇلغان بولۇپ خالىغان ئۇچۇر ۋە ئىسمىڭىزنى يېزىپ قېرىنداشلىرىڭىزغا يوللىيالايسىز.
3.0
2019年08月10日
«قۇرئان كەرىم» دېتالىنىڭ iOS يەنى «ئالـما» نۇسخىسى يېڭىلاندى. يېڭى نەشرىدىكى يېڭىلىقلارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:
1- دېتالنى تاقىۋېتىپ قايتىدىن قوزغاتقاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان سەھىپە ئېچىلىدۇ.
2- دېتالنى قوزغاتقاندا باشبەتتە قۇرئان ئوقۇش بېتى ئېچىلىدۇ.
3- سەھىپە، سۈرە ۋە پارە تاللاش ئېكراننىڭ سول تەرىپىگە يۆتكەلدى.
4- ئوڭ تەرەپكە سەھىپە تىزىملىكى قويۇلدى.
5- ئىبنى كەسىر تەپسىرى ئوڭشالدى.
6- قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرى تىزىملىكى يېڭىلاندى.
7- ئىزدەش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى.
8- سىن دەرسلىرى سەھىپىسى قوشۇلدى.
9- «قۇرئاندىكى تېمىلار» سەھىپىسى قوشۇلدى.
10- دۇئالار سەھىپىسى قوشۇلدى.
11- «تىلاۋەت ئاڭلاش» ئىقتىدارىغا ئاپتۇماتىك سۈرە ئاتلاش، خالىغان سۈرىلەرنى چۈشىرىۋېلىپ تورسىز ئاڭلاش ۋە خالىغان سۈرىنى ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
2.0
2017年07月25日
خاتالىقلار تۈزىتىلدى
ئەپ سىغىمى كىچىكلىتىلدى
يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى
1.0
2017年02月14日

قۇرئان كەرىم FAQ

قۇرئان كەرىمは、以下の国または地域では利用できません。
China
قۇرئان كەرىمは次の言語がサポートされています。 英語
ここをクリック!地理的に制限されているアプリのダウンロード方法をご参考ください。
次のリストをチェックして、قۇرئان كەرىمの最低システム要件をご確認ください。
iPhone
iOS 11.4以降が必要です。
iPod touch
iOS 11.4以降が必要です。

قۇرئان كەرىمの類似アプリ

あなたも好きかも

Abdullah karakas からもっと手に入れる